Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بايرون
دۇنيا تارىخى
拜伦
bài lún
(1788-1824)ئەنگىلىيىلىك رومانتىك شائىر. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كىلىپ چىققان. 1808-يىلى كمبرىج داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1809-1811-يىللىرى ئىسپانىيە، يونان ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ساياھەت قىلىپ، بۇ دۆلەتلەردىكى خەلقلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا، ئېزىلىشكە قارشى كۈرەشلەرنىڭ چوڭقۇر رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن <گارولدىنىڭ ساياھىتى> ناملىق داستانىنى ئېلان قىلىپ، فېئودال مۇستەبىتلىك زۇلۇمغا قارشى غەزەپ نەپرىتىنى، بۇرژۇئازىيە ئەركىنلىكى، دېموكراتىيىسىگە بولغان تەلپۈنۈشنى ئىپادىلىگەن. 1812-يىلى پارلامېنتتا نۇتۇق سۆزلەپ نېدلودد ھەرىكىتىگە قاتناشقۇچىلارنى ئاقلاپ، ئىشچىلارنى باستۇرغانلىق قىلمىشلارنى ئەيىبلىگەن. 1813-1816-يىللىرى ئارقا ئارقىدىن <شەر پوئېمىسى>نى ئېلان قىلىپ، بىر قاتار يەككە ـ يىگانە قارشىلىق كۆرسەتكەن قەھرىمانلارنىڭ ئوبرازى ئارقىلىق ئەنگلىيە دائىرلىرىگە زەربە بەرگەن. كېيىن ۋەتىنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، ياۋرۇپاغا ساياھەت قىلغان. 1817-يىلى شېئىرىي دراما <مانفېلد>نى ئېلان قىلغان. بۇ درامىدا ئەينى چاغدا ياۋرۇپادىكى بىر قىسىم زىيالىيلارنىڭ زامانىغا بولغان نارازىلىق كەيپىياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۈمىدسىزلىك تۈسىنى ئالغان. ئىتالىيىدىكى چاغلىرىدا كوكۇسچىلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان ھەمدە<برونزا دەۋرى>ناملىق داستاننى يېزىپ، مۇقەددەس ئىتتىپاقنىڭ ئەكسىيەتچىل قىياپىتىنى ئېچىپ تاشلىغان.1823-يىلى يۇناندائولتۇراقلاشقان، يۇنان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ۋەكىل خاراكتىرلىك داستانى <دون جۇئان>دا ئاقسۆڭەك ياش دون جۇئاننىڭ ياۋرۇپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سەرگۈزەشتىلىرى ئارقىلىق ياۋرۇپادىكى فېئودال كۈچلەرگە زەربە بىرىپ، بۇرژۇئازىيە جەمئىيىتىنىڭ ساختىلىقىنى مەسخىرە قىلغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ياۋرۇپا رومانتىزم ئەدەبىياتىغا خېلىلا زور تەسىر كۆرسەتكەن.
ئىستېتىكا
拜伦
bài lún