Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
百日王朝
دۇنيا تارىخى
يۈز كۈنلۈك خاندانلىق
فرانسىيىدىكى ناپولېئون Ⅰ نىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ھۆكۈمرانلىق مەزگىلى. 1815 - يىل 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنىگىچە يۈز كۈن ئەتراپىدا بولغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. ناپولېئون مەملىكەت ئىچىدە قايتا تىرىلگەن سۇلالە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ لىڭشىپ قالغانلىقى ۋە ياۋروپادىك كۈچلۈك دۆلەتلىرىنىڭ ۋېنا يىغىنىدىكى تۈگىمەس تالاش - تارتىشىدىن پايدىلىنىپ، سۈرگۈن قىلىنغان ئېلبا ئارىلىدىن قېچىپ چىقىپ، 1815 - يىل 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدا قۇرۇقلۇققا چىققان. يول بويى قان تۆكمەيلا 20 - كۈنى پارىژغا يېتىپ كېلىپ، خاندانلىقنى قايتا قۇرۇپ چىققان. 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ۋاتېرلوئودا فرانسىيىگە قارشى يەتتىنچى قېتىملىق بىرلەشمە ئارمىيە تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان. 22 - كۈنى يەنە بىر قېتىم تەختتىن چۈشۈپ، ئاتلانتىك ئوكياندىكى سېنت - ھېلېن ئارىلغا سۈرگۈن قىلىنغان. ناپولېئون ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقان.