Uyghurئاساسىي لۇغەت
بايلىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىممەتلىك نەرسىلەر.
«كان» يەر ئاستى بايلىقىغا قارىتىلىدۇ.
«خەزىنە» توپلانغان بايلىققا قارىتىلىدۇ.
ئەقىلدىن ئارتۇق بايلىق يوق. ھارام بايلىق قولدا تۇرماس. ساقلىقىم _ بايلىقىم. بايلىق قاچقاننى قوغلايدۇ، قوغلىغاندىن قاچىدۇ. بىزنىڭ ئەپتونوم رايونىمىز كانغا باي. بۈگۈن بازارىڭ ئاۋات ئىكەن، خەزىنە توپلا ياخشىلىقتىن سەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
باي بولۇش، باي ھالەت.
قىممىتى بار ماددىي نەرسىلەر؛ پۇل - پۇچەك، مال - مۈلۈك قاتارلىقلار.
يەر ئاستى بايلىقى. كان بايلىقلىرى.
تەركىبىدىكى ياكى ئىختىيارىدىكى بار نەرسىلەرنىڭ ئومۇمىسى.
تىل بايلىقى. سۆز بايلىقى.
ئەقلىدىن ئارتۇق بايلىق يوق (ماقال).
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
بايلىق، قول - ئىلكىدە بار كىشى.