Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
白地霉
بىئولوگىيە
گېئوترىخۇم زەمبۇرۇغى
يېرىمى ئېنىق زەمبۇرۇغلارنىڭ گېئوترىخۇم ئۇرۇقدىشىدىكى بىر تۈر. زەمبۇرۇغ يىپچىسى ھاسىل قىلىدۇ، زەمبۇرۇغ يىپچىسىدا توسۇقچىلار بولىدۇ، بەزىلىرى ئاچماقلىنىپ شاخلىنىدۇ، دىئامتېرى 3 - 7 مىكرومېتر كېلىدۇ. زەمبۇرۇغ يىپچىسى ئۆسۈپ بەلگىلىك باسقۇچقا كەلگەندە ئۈزلۈپ سىلىندىر شەكىللىك، كۋادرات شەكىللىك ياكى ئېللىپىس شەكىللىك بوغۇملۇق سپورىنى ھاسىل قىلىدۇ. بوغۇملۇق سپورا تاق ھالەتتە ياكى ئۆز ئارا تۇتىشىپ زەنجىرسىمان ھالەتتە بولىدۇ، مۇۋاپىق شارائىتتا بىخلىنىپ زەمبۇرۇغ يىپچىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇغداي ئۈندۈرمىسى شىرنىسىلىق ئاگاردا ئۆسۈپ ھاسىل قىلغان زەمبۇرۇغ توپى چوڭ، ئاق رەڭلىك، تۈكسىمان ياكى پاراشوكسىمان بولۇپ، تەكشى يۈز بويىچە كېڭەيگەن بولىدۇ. بۇغداي ئۈندۈرمىسىنىڭ شىرنە سۇيۇقلۇقىدا ئۆسۈپ ئاق رەڭلىك كۆپۈك، تىۋىتسىمان ياكى پاراشوكسىمان ھالەتتە كېلىدۇ. بىخ سپورا ۋە سپورا خالتىلىق سپورا ھاسىل قىلمايدۇ. ئۇ چىرىگەن كۆكتات، چىلانغان سەي، جاڭيۇ، ئوغۇت ۋە ھايۋانلارنىڭ گەندىلىرىدە كۆپرەك ئۇچرايدۇ، سۈت ھەر خىل - سۈت ياسالمىلىرى ۋە ئەخلەت دۆۋىلىرىدە ئۇچرايدۇ. ئېچىتقۇ تابلېتكىسى ياكى يەم - خەشەك ماتېرىيالى قىلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن نۇكلېئوتىد كىسلاتا قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئايرىۋېلىشقىمۇ بولىدۇ.