Uyghurئاساسىي لۇغەت
باھاسىز
مەنىداش سۆزلۈكلەر
باھا بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدىغان.
كىتاب باھاسىز گۆھەردۇر. بىلىملىكنىڭ باھاسى يوق، بىلمىسىزنىڭ ساپاسى. گۈزەل ئەخلاق _ بىباھا گۆھەر. ئالىم _ ئالتۇنغا بارگۈسىز يىگىت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
باھاسى بېكىتىلمىگەن، باھا قويۇلمىغان، باھاسى يوق.
كۆچمە. ناھايىتى قىممەتلىك، تەڭداشسىز قىممەتكە ئىگە؛ تېپىلمايدىغان، ئەزىز.
باھاسىز ئۇلۇغ ئەمگەك.