Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
八关会
دۇنيا تارىخى
سەككىز ئۆتكەل مۇراسىمى
چاۋشىيەننىڭ كورىيە سۇلالسىدىكى مۇھىم دىنىي مۇراسىم. سەككىز ئىشتىن پەرھىز تۇتۇش مۇراسىمى دەپمۇ ئاتالغان. ئەسلى بۇددا دىنىدا سەككىزپەرزنى قوبۇل قىلىش مۇراسىمى بولۇپ، تەركىدۇنياچىلىق خاراكتىرىگە ئىگە ئىدى، كېيىن دۆلەت تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان نەزىر - چىراغ مۇراسىمىغا ئايلانغان. كورىيە سۇلالىسىنىڭ تۇنجى خانى تەيزۇ (918 - 943 - يىلى تەختتە) 10 ماددىلىق تەربىيە ۋە نەسىھەت ئاساسىدا تەقدىر ئىلاھى، بەش چوڭ تاغ، ئاتاقلىق تاغ - دەريالار ئىلاھىغا نەزىر- چىراغ قىلىدىغان سەككىز ئۆتكەل مۇراسىمىنى تەشەببۇس قىلغان. ھەريىلى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى كەيجىڭدە (ھازىرقى كەيچېڭ شەھىرى) ۋە شىنجىڭ (ھازىرقى پىخىنيان)دا ئۆتكۈزگەن، خىراجىتى مەخسۇس تەسىس قىلىنغان پانۇسچىلار باش نازىرى بىلەن باگۇەنباۋ تەرىپىدىن تەييارلىناتتى، ئۇنىڭ يۈكىنى خەلققە ئارتىپ قوياتتى. مىلادى 982 - يىلى (چېڭزۇڭ تۇنجى يىلى)دىن 1009(شيەنزۇڭ تەختكە چىققان يىل)غىچە بولغان ئارىلىقتا بىرمەھەل توختاپ قالغان.بىراق، كورىيە سۇلالسىدە ئۇزاق مۇددەت ساقلىنىپ، مۇڭغۇللار ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا خان جەمەتى جياڭخۇا ئارىلىدا پاناھلىنىپ تۇرغاندىمۇ داۋاملىق ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرغان، كورىيەسۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا بارا - بارا يوقالغان. لى سۇلالىسىگە بارغاندا كۇڭزىچىلىق قەدىرلەنگەنلىكتىن، بۇ مۇراسىم بىكار قىلىنغان.