Uyghurئاساسىي لۇغەت
باغلىق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
«باغ Ⅱ» گە ئوخشاش، باغ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
مۇناسىۋەتلىك، ئالاقىدار، چېتىشلىق.
بىرەر ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى تۈرلۈك شەرتلەرگە باغلىق. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى تىرىشچانلىق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
باغقا ئېرىشمەك، بېغى بار.
ئۇدا بىر نەچچە يىل مېۋىلىك دەرەخنىڭ كۆچەتلىرىنى تىكىپ بېرىۋىدىم، مانا ئەمدى باغلىق بولۇپ قالدىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
بېغى بار، باغقا ئىگە.
ئۇنىڭغا خىزىرنىڭ بىر باغلىق ھويلىسى تەقسىم قىلىندى.
باغ ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، باغ قىلىنىدىغان.
ئۇنىڭ بېغى بولمىغانلىقتىن بۇ قېتىم بىر مو باغلىق يەر بېرىلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. باغلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، ئۆزىدىن ياكى باشقا نەرسىلەردىن ياسىلىدىغان باغ.
ئۇلار بىر تەرەپتىن باغلىق ئېشىپ، بىر تەرەپتىن ئۆزلىرى باغلاپ ياراتتى.
سۈپ. باغلاقلىق.
يۈسۈپ ئاكا خەۋەر ئالغىن ھالىمدىن، قولۇم باغلىق زۇلۇم بىرلە ئۆلۈرمەن.
تىر. مۇناسىۋەتلىك، چېتىشلىق ئالاھقىدار.
بۇ ئىش ھەر قايسىلىرىغا باغلىق.