English→Uyghurئاساسىي لۇغەت
Baggara
دائىرە: دۇنيادىكى مىللەتلەرباگگارالار
باگگارالار سۇداندا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، نوپۇسى تەخمىنەن 1 مىليون 150 مىڭ.
باگگارالار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ، سام - ھام تىللىرى سىستېمىسى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئەرەب تىلىنى قوللىنىدۇ، مىللىي تىل يېزىقى بار.
باگگارالار ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، باگگارالار ئەسلى بەنى - سۇلايىملارنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، Ⅺ ئەسىرلەردە ھازىرقى سۇداننىڭ كوردوفان ۋە دالغۇل ئۆلكىلىرى ئەتراپىدىكى سازلىق جايلارغا كۆچۈپ كېلىپ كالا باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئىنگلىزچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.