Uyghurئاساسىي لۇغەت
بادوگلىئو
دۇنيا تارىخى
(1871-1956)ئىتالىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1943-1955).ئىتالىيىنىڭ ئېرېترىيە، لىۋىيىگە قىلغان تاجاۋۇزچىلىق جېڭى ۋە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1919-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە شىتاپ باشلىقى بولغان، 1926-يىلى مارشاللىققا كۆتۈرۈلگەن. 1925-1928-،1933-1940-يىللىرى ئىككى قېتىم باش شىتاب باشلىق بولغان، 1928-1933-يىللىرى لىۋىيىنىڭ باش ۋالىيسى بولغان. 1935-يىلى ئېفىئوپىيىگە تاجاۋۇز قىلغان ئىتالىيە قوشۇنىنىڭ باش قوماندانى بولغان. كېيىن ئېفىئوپىيىنىڭ باش ۋالىيسى بولغان. 1934-يىلى 7-ئايدا موسسولىندىن كېيىن ئىچكى كابىنت تەشكىللىگەن، 9-ئايدا ئىتتىپاقچى ئارمىيە بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغان ھەمدە گىرمانىيەگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلغان، ئەنگلىيە، ئامېرىكاپەرەس دېموكراتىيىلەشتۈرۈشكە قارشى سىياسەتنى ئىجرا قىلغان. ئىككىنچى يىلى 6-ئايداخىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەن. ئۇنىڭ <1936-يىلدىكى ئېفىئوپىيە ئۇرۇشى>،<ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىدىكى ئىتالىيە>قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.