Uyghurئاساسىي لۇغەت
باد
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يەل، شامال:
قىلىب باد يەڭلىغ جەھاننى گۇزەر،
خەبەر ئالماقىغە شەھەرمۇ شەھەر.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يەل، شامال، گاز، ھاۋا؛ نەپەس، دەم؛ تەكەببۇر؛ ئىلانگۈچ؛ ئىششىق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھاۋانىڭ يەر ئۈستىدىكى ھەرىكىتى. دەرىجە پەرقى بار.
«بوران» 7 - 8 بالدىن يۇقىرى شامال.
«يەل»، «سەلكىن» ئىللىق، يېنىك شامال.
شامال چىقمىسا، دەرەخ لىڭشىمايدۇ. تۆگىنى شامال ئۇچۇرسا، ئۆچكىنى ئاسماندا كۆر. يەل يەرنى قۇرۇتىدۇ. يەل چىققاندا يەپ يات. قارا مۈشۈك قارىغانغا بوران چىقمايدۇ. ئايرىلغاننى قار باسار، بۆلۈنگەننى بوران. ئارپا - بۇغداي سامانىنى سەلكىن ئايرىيدۇ، ئاتا - ئانا، قېرىنداشتىن ئۆلۈم ئايرىيدۇ. سەلكىن شامال توپلانسا، تەيفېڭ بورىنى بولار.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
سېغىنىش؛ <باتI> گە قاراڭ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
يېزت. شامال.