Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
阿旃陀石窟
دىن
ā zhān tuó shí kū
佛
بۇددا دىنى
ئەجەنتە تاش ئۆڭكۈرى
دۇنيا تارىخى
ئاجانتا تاش ئۆڭكۈرى
ھىندىستان بۇددىزم ئۆڭكۈرلىرى. ھەيدەر ئابات شتاتىنىڭ ۋىندخىيە تاغ تىزمىسىغا جايلاشقان بولۇپ، پۈتۈن ئۆڭكۈرلەر يېڭى ئاي شەكىللىك قىيالار ئۈستىگە قېزىلغان، ئۇزۇنلۇقى 550 مېتىر كېلىدۇ. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىردە ئىش باشلىنىپ، Ⅶ ئەسىردە تاماملانغان. بۇددا دىنىنىڭ ھىندىستاندا زاۋال تېپىشىغا ئەگىشىپ، Ⅶ ئەسىردىن باشلاپ بارا - بارا تاشلىنىپ قالغان. 1819-يىلى قايتىدىن تېپىلغان. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ زورلۇقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. جەمئىي 29 تاش ئۆڭكۈر بولۇپ، بۇنىڭ بىرى پۈتمەي قالغان. ئۆڭكۈرلەرنىڭ ئازراق بىر قىسمى بۇددا ئىبادەتخانىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە بۇددا مۇنارلىرى ۋە راھىبلار ئىبادەت قىلىدىغان جاي بار؛ كۆپ قىسمى راھىبلار يېتىپ - قوپىدىغان بۇتخانا ھۇجرىلىرىدىن ئىبارەت. ئۆڭكۈرلەردە بۇددا دىنى تېما قىلىنغا كۆپلىگەن نەپىس ئويما ۋە رەسىملەر ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ساكيامونىنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى ھېكايىلەر ۋە ھىندىستاننىڭ قەدىمكى زاماندىكى ئوردا تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن، شۇنداقلا ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئەمگەك قىلىۋاتقان مەنزىرىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇ قەدىمكى زاماندىكى ھىندىستا بۇددا دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى، شۇندقلا ئۇ ھىندىستاندىكى بۇددا دىنىنىڭ قۇرۇلۇش، ئويما ۋە رەسسامچىلىقتىن ئىبارەت ئۈچ خىل سەنئىتىنىڭ بىردىنبىر تىپىك ۋەكىلى ھېسابلىنىدۇ. Ⅶ ئەسىردە جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى راھىبى شۈەنزاڭ ھىندىستاننى زىيارەت قىلغاندا بۇ يەرگە بېرىپ تاۋاپ - ئىبادەت قىلغان ھەمدە بۇ ھەقتە خاتىرىلەر قالدۇرۇغان.