Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
澳新协定
دۇنيا تارىخى
ئاۋسترالىيە - يېڭى زېلاندىيە كېلىشىمى
كانبېرا شەرتنامىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1944-يىلى ئاۋستىرالىيە بىلەن يېڭى زىنلاندىيە ئىمزالىغان رايون خاراكتىرلىك شەرتنامە. 1941-يىلى تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن ياپونىيە قوشۇنى جەنۇبقا قاراپ تاجاۋۇز قىلغان، ئەنگىلىيە شەرققە ئېتىبار بېرىشكە ئامالسىز قالغان. ئاۋسترالىيە بىلەن يېڭى زېنلاندىيە ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلكى ۋە جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونىغا بولغان تەسىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كانبېرادا شەرتنامە ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە بەل باغلىغان ھەمدە تاشقى كۈچلەرنىڭ بۇ رايوننىڭ ئىشلىرىغا مۇداخىلە يۈرگۈزۈشىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونى بويىچە مەسلىھەت كومىتېتى قۇرۇش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن، 1946-يىلى لوندوندا چاقىرىلغان ئەنگىلىيە ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ زۇڭلىلىرى يىغىنىدا يۇقىرىقى تەكلىپ مۇھاكىمە قىلىنغان، كېيىن جەنۇبىي تىنچ ئوكيان كومىتېتى قۇرۇلغان.