Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
奥托一世
دائىرە: دۇنيا تارىخىئوتو Ⅰ
(1815 - 1867) گرېتسىيە كورۇلى (1832 - 1862)، باۋارىيە كورۇلى لۇئى Ⅰ نىڭ كەنجى ئوغلى. 1832 - يىلى 5 - ئايدا ئەنگلىيە، روسىيە، فرانسىيە ئۈچ دۆلەتنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، گرېتسىيە مىللىي پارلامېنتى تەرىپىدىن كورۇللۇققا سايلانغان. 1833 - يىلى تەختكە رەسمىي چىققان (1835 - يىلى 5 - ئايغىچە دۆلەتنى نائىب ئىدارە قىلغان). دەسلەپكى مەزگىلدە ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش فاڭجېنىنى قوللىنىپ، باۋارىيىدىن كەلگەن قوشۇنغا تايانغان. 1843 - يىلى 9 - ئايدا ئافىنادا قوزغىلاڭ پارتلاپ، باۋارىيە قوشۇنىنى تارقىتىۋېتىشكە مەجبور بولغان ھەمدە گرېتسىيىدە جاۋابكار ئىچكى كابىنېت تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا قوشۇلغان. 1862 - يىلى بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى پارتىلىغاندىن كېيىن تەختتىن چۈشۈپ، باۋارىيىدىكى بامبېرگقا كۆچۈپ بېرىپ، تاكى ۋاپات بولغىچە شۇ يەردە ياشىغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.