Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
奥林匹亚竞技
دۇنيا تارىخى
ئولىمپىيە ماھارەت مۇسابىقىسى
قەدىمكى زاماندىكى پۈتكۈل يۇنان ماھارەت مۇسابىقە يىغىنى. ئولىمپىيە پېلوپوننېس يېرىم ئارىلى (جەنۇبىي يۇنان) نىڭ ئېلىس رايونىدىكى كىچىك بىر پارچە تۈزلەڭلىك بولۇپ، خۇدا زېۋىسنىڭ چوڭ ئىبادەتخانىسى جايلاشقان ئورۇن (ئالتىس دەپ ئاتالغان، بۇ ئېلىس تىلىدا <مۇقەددەس ئورمان> دېگەنلىك بولىدۇ)، ئەتراپى تام بىلەن قورشالغان. مۇسابىقە يىغىنى ئەسلىدە يەرلىك ئاھالىنىڭ خۇدالارغا نەزىر - چىراغ قىلىش مۇراسىمى بولۇپ، كېيىن پۈتكۈل يۇناننىڭ خۇدا زېۋىسقا چوقۇنۇپ چوڭ نەزىر - چىراغ قىلىش مۇراسىمىغا ئايلانغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 776 - يىلى (يۇنان يىلنامىسى <ئولىمپىياد> نىڭ باشلانغان يىلى) دىن باشلاپ، ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزۈلگەن. ماھارەت مۇسابىقىسىنىڭ تۈرلىرى يۈگۈرۈش، يىراققا سەكرەش، دىسكا ئېتىش، نەيزە ئېتىش، ئات بەيگىسى ۋە كۈچ سىنىشىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، يەنە مۇزىكا، ناخشا ئېيتىش ۋە تىياتىر قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش نومۇرلىرىمۇ بولغان. يىغىن مەزگىلى ئادەتتە بەش - ئالتە كۈن بولغان. ئۇتۇپ چىققانلار زەيتۇن دەرىخىنىڭ شېخىدىن توقۇلغان گۈلچەمبىرەك بىلەن مۇكاپاتلانغان، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شەھەر دۆلىتىدە قىزغىن قارشى ئېلىنىپ، ھەربىي خىزمەت ئۆتەش كەچۈرۈم قىلىنىش، باج تاپشۇرۇش كەچۈرۈم قىلىنىش قاتارلىق بەزى ئېتىبار بېرىشلەرگە ئېرىشكەن، باشقا ئەللەردىمۇ داڭقى چىققان. ماھارەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغانلارنىڭ چوقۇم يۇنان پۇقراسى بولۇشى بەلگىلەنگەن، مۇسابىقىدىن ئىلگىرى بەزى تۈرلەر مەخسۇس مەشق قىلىش تەييارلىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن. ھەرقايسى شەھەر دۆلەتلىرى ماھارەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە پۈتۈن يۇنان بويىچە <ئۇرۇش توختىتىش مۇقەددەس> بولۇپ، خىلاپلىق قىلغۇچىلار جازالانغان، شۇڭا ماھارەت مۇسابىقە يىغىنى يەنە <تىنچلىق> سىمۋولى مەنىسىگە ئىگە بولغان. مىلادى 394 - يىلى رىم ئىمپېراتورى تېئودوسۇس Ⅰ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ مەنئىي قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ھازىرقى <ئولىمپېك تەنھەرىكەت يىغىنى> شۇنىڭ بىلەن نامى ئاتالغان.