Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
奥兰多
دۇنيا تارىخى
ئورلاندو
(1860 - 1952)، ئىتالىيە باش ۋەزىرى (1917 - 1919). پالېرمودا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ئادۋوكاتلىق قىلغان. 1897 - يىلدىن باشلاپ كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1903 - 1917 - يىللاردا مائارىپ، ئەدلىيە، دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرلىكىنى ئۆتىگەن. 1917 - يىلىدىن باشلاپ باش ۋەزىر، قوشۇمچە ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. ئىتالىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ پارىژ سۈلھ يىغىنىغا قاتناشقان، ئەمما دۆلىتىنىڭ تەلىپىنى قانائەتلەندۈرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبور بولغان، لېكىن يەنىلا پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1925 - يىلى فاشىستىك دىكتاتۇرىغا قارشى تۇرۇش يۈزىسىدىن پارلامېنت ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، مائارىپ ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1943 - يىلى مۇسسۇلىن ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، كونسېرۋاتىپ دېموكراتلار ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسلىق ئەربابلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. 1946 - يىلى ئاساسىي قانۇن تۈزگۈچى كېڭەشنىڭ رەئىسى بولغان. ئىككىنچى يىلى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. 1948 - يىلىدىن باشلاپ كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
奥兰多〈美、南非〉
ào lán duō
ئورلاندو
ào lán duō
ئورلاندو
ào lán duō
ئورلاندو