Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
安政大狱
دۇنيا تارىخى
ياسۇماسا جاھالەتچىلىكى
1858 - 1859 - يىللىرى ياپونىيە توكۇگاۋا باكۇ شوگۇنلۇقىنىڭ تىننونى ھۆرمەتلەپ، ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قېقىش تەرەپدارلىرىنى باستۇرۇش ھەرىكىتى. ياسۇماسا يىللىرىدا سادىر بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. گارىس ياپونىيىگە كېلىپ، سودا توختىمى ئىمزالاشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، باكۇ شوگۇنلۇقىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى گۇرۇھى ئىچىدە توختام ئىمزالاش بىلەن سىياگۇنلۇققا ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېغىر قارىمۇ - قارشىلىق ۋە كۈرەش يۈز بەرگەن. 1858 - يىلى ئىنائونائوسۇكې چوڭ ئاقساقال بولغاندىن كېيىن ئوردىنىڭ تەستىقىسىز ئامېرىكا بىلەن سودا توختىمى ئىمزالىغان ھەمدە توكۇگاۋا كېئوخونونىڭ سىياگۇنلۇققا ۋارىسلىق قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ، ئوردا ۋە ئاۋام خەلقنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. چوڭ ئاقساقال ئىنائو ئۆكتىچىلەر ئۈستىدىن تازىلاش ئېلىپ بارغان. ۋەزىر - ئەزەم تاكاشى سۇكرو، كونوئى تاداھىرو قاتارلىقلارنى چېچىنى چۈشۈرۈپ مەنسىپىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبور قىلغان، توكۇگاۋا كېيوكى، ماتسۇدائىرا يوشىناگا قاتارلىق توكۇگاۋاكېكىنىڭ سىياگۇن بولۇشىنى قوللىغۇچى بىر توپ تۆرىلەرنى خىزمىتىدىن چېكىنىپ، تەركىدۇنيا بولۇپ ياشاشقا بۇيرۇق بەرگەن. ئىۋاسى تادانارى، كاۋاجى نائوكوتو قاتارلىق نۇرغۇنلىغان باكۇ شوگناتلىقى ئەمەلدارلىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان ھەمدە كىيوتو، ئىدو قاتارلىق جايلاردا تېننونى ھۆرمەتلەپ، ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قېقىش تەرەپدارلىرى زاتلىرىنى تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلغان. ئىنتايىن ۋەھشىيلىك بىلەن يوشىداشۇئىن قاتارلىق سەككىز كىشىنىڭ قورسىقىنى يېرىپ تاشلىغان ۋە كاللىسىنى ئالغان. بۇنىڭغا 100 دىن كۆپرەك كىشى چېتىلغان. چوڭ ئاقساقال ئىنائو بۇ ئارقىلىق باكۇ شوگۇنلۇقىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتمەكچى بولغان. بىراق ئۇنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئەكسىچە ئۇ باكۇ شوگۇنلۇقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، باكۇ شوگناتلىقىنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇش ۋە گۇمران بولۇشىنى تېزلەتكەن.