Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
安邺
دۇنيا تارىخى
گارنىئېر
(1839 - 1873) فرانسىيىلىك مۇستەملىكىچى. دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسىرى. 1868 - يىلى فرانسىيە <تەكشۈرۈش ئۆمىكى>نى باشلاپ مېكونگ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمى بولغان لەنساڭجياڭ دەرياسىنى تەكشۈرگەن، دەريانى بويلاپ يۇقرىغا ئۆرلەپ قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن جۇڭگونىڭ يۈننەن ئۆلكىسىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن، يۈەنجياڭ دەرياسى بىلەن دالىغىچە بارغان. 1868 - يىلى يېبندىن يولغا چىقىپ چاڭجياڭ دەرياسى بىلەن شەرقتە شاڭخەيگە كەلگەن، كېيىن سايگونغا قايتىپ كەتكەن. 1873 - يىلى قوشۇن باشلاپ كېلىپ ۋېيتنامنىڭ شىمالىي قسمىغا تاجاۋۇز قىلىپ، 11 - ئايدا خانوي شەھىرىنى بېسىۋالغان ھەمدە خەيياڭ، نەندىڭ، نىڭپىن قاتارلىق ئۆلكىلەرنى ئىشغال قىلىۋالغان. خانۇينىڭ باش ۋالىيسى رۇەن جىفاڭ ۋېيتنامدا سەرگەدان بولۇپ يۈرگەن جۇڭگونىڭ قارا تۇغلۇقلار قوشۇنىنى ۋيېتنام بىلەن بىرلىكتە فرانسىيىگە قارشى تۇرۇشقا تەكلىپ قىلغان. 12 ـ ئايدا گارنىئېر خانوينىڭ سىرتىدا قارا تۇغلۇقلار قوشۇنى تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغان. ئۇنىڭ <كامبودژانىڭ شىمالىدا يول ئىزدەش خاتىرىسى>، <توڭكىڭ (باكبو) مەسىلىسى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.