Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
安息
دۇنيا تارىخى
ئارساك
پارتخىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاسىيانىڭ غەربىدىكى قەدىمكى دۆلەت. كاسپى دېڭىزىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، ھازىرقى ئىراننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمى ۋە تۈركمەنىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمىغا توغرا كېلىدۇ. ئاھالىسى ھىندى - ياۋروپا تىل سىستېمىسىنىڭ پارس تىلى گۇرۇپپىسىنىڭ بىر تارمىقىغا مەنسۇپ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىن باشلاپ پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر ئۆلكىسى بولۇپ كەلگەن. مىلادىدىن 329 يىل ئىلگىرى، ماكېدونىيە پادىشاھى ئالېكساندر (ئىسكەندەر) تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. ماكېدونىيە پادىشاھلىقىغا ۋە كېيىنكى سىبلېۋىك پادىشاھلىقىغا قارام بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى شىمالىي تەرەپتىكى كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەر (ماساگىتلار قەبىلىلىرى) بېسىپ كىرىپ، يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن بىرلىكتە سېلېۋىك پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چىققان. مىلادىدىن 247 يىل ئىلگىرى، ئۇلارنىڭ كاتتىبېشى ئارساك Ⅰ سېلېۋىك پادىشاھلىقىنىڭ باش ۋالىيىسىنى ئۆلتۈرۈپ ئۆزى پادىشاھ بولۇپ، ئارساك خاندانلىقىنى بەرپا قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە بۇ دۆلەت پەيدىنپەي كۈچەيگەن. پادىشاھ مىتىرىدات Ⅰ ۋە مىتىرىدات Ⅱ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە بۇ دۆلەت پەيدىنپەي كۈچەيگەن. پادىشاھ مىتىرىدات Ⅰ ۋە مىتىرىدات Ⅱ تەختتىكى مەزەىلدە زېمىنىنى كېڭەيتىپ، غەربتە ئىران ئېگىزلىكىنىڭ غەربىي قىسمى ۋە ئىككى دەريا ۋادىلىرىنىڭ شىمالىغىچە، شەرقتە باكتىرىيىنىڭ مارغىيانا ۋە ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغىچە يېتىپ بېرىپ، غەربىي ئاسىيادىكى قۇدرەتلىك بىر دۆلەتكە ئايلانغان. دەسلەپ نىسا (ھازىرقى تۈركمەنىستاننىڭ ئاشخاباد شەھىرى ئەتراپىدا) نى پايتەخت قىلغان، كېيىن ھېكاتومپېل (ھازىرقى دامخان)، ئىكباتان ۋە كېتسسفونغا كۆچكەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىرلەردە رىمنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن. مىلادىدىن 53 يىل ئىلگىرى، كارىيە جېڭىدە رىم باش قوماندانى كراسېسنى ئۆلتۈرگەن، مىلادىدىن 36 يىل ئىلگىرى، يەنە رىم باش قوماندانى ئانتونىنى مەغلۇپ قىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇزاق مۇددەت رىم ئىمپېرىيىسى بىلەن تۇتۇشقان. Ⅱ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا زەئىپلىشىشكە قاراپ ماڭغان. 226-يىلى پېرسىيە ساسانىيلار خاندانلىقى ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسىگەن. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅰ، Ⅱ ئەسىرلەردە ئارساك رىم ئىمپېرىيىسى بىلەن جۇڭگو (خەنسۇلالىسى) نىڭ سودا - مال ئالماشتۇرۇش، قاتناش يولى («يىپەك يولى») تۈگۈنى بولۇپ كەلگەن. مىلادىدىن 115 يىل ئىلگىرى، خەن سۇلالىسىنىڭ ۋۇدى خانى جاڭ چيەننى غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە ئەۋەتكەن، ئۇنىڭ مۇئاۋىن ئەلچىسى بۇ يەرگىمۇ بارغان. 97-يىلى خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتتىكى قورۇقچى بېگى بەن چاۋ گە يىڭنى داكچىن (رىم غا ئەۋەتكەن، گەن يىڭ سەپەر قىلىپ ئارساكقا بېرىپ، دېڭىزدىن ئۆتەلمەي قايتىپ كەلگەن. ئارساك مەدەنىيەتتە پېرسىيە، بابىلون، يۇنان ۋە ھىندىستان مەدەنىيەتلىرىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان.
تارىخ
ān xī
ئارساك، بۇخاراDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
安息〈越〉
ān xī
ئان تۇكDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
安息〈伊朗〉
ān xī
پارتىيەDئۇنىۋېرسال
ān xī
خاتىرجەم ياتماق، ئارام ئالماق، ئۇيقۇغا كەتمەك
Dدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
ān xī
پارتىيەDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
ān xī
پارتىيە
دىن
ān xī
地名
ئارساك، بۇخارا
دىن
ān xī
ئارام، ئاراملىق، ئارام تاپماق، ئارام ئالماق، ئارام ياتماق، خاتىرجەم ياتماق