Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
安提柯王朝
دۇنيا تارىخى
ئانتىگون خاندانلىقى
يۇنانلىشىش دەۋرىدىكى ماكېدونىيە خاندانلىقى. مىلادىدىن 276 يىل ئىلگىرى، ئانتىگون Ⅰ نىڭ نەۋىسى ئانتىگون گونات ( تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 319 - 239) تەرىپىدىن قۇرۇلغان، ئۇنىڭ ۋارىسلىرى گرېتسىيىنىڭ ھەرقايسى شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ كۆپ قېتىملىق قوزغىلىڭىنى باستۇرۇپ، پىتولېمېي، سېلېۋك دۆلەتلىرى بىلەن ئوتتۇرا دېڭىز شەرقىي قىسمىنىڭ زوراۋانلىق ھوقۇقىنى ئۇزاققىچە تالىشىپ كەلگەن. ئۈچ قېتىملىق ماكېدونىيە ئۇرۇشى ئارقىلىق مىلادىدىن 168 يىل ئىلگىرى ماكېدونىيىنى ئىستېلا قىلغاندا، خاندانلىق گۇمران بولغان.