Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
安哥拉战役
دائىرە: دۇنيا تارىخىئانگورا جېڭى
1402-يىل 7-ئاينىڭ 20-كۈنى تېمور بىلەن تۈرك سۇلتانى بايازىت Ⅰ نىڭ ئانگورا (ھازىرقى ئەنقەرە) دە قىلغان جېڭى. تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەسكىرىي كۈچى تارقاق بولۇشى ۋە كىچىك ئاسىيادىكى ئەمىرلىك دۆلەتلەرنىڭ يۈز ئۆرۈشى تۈپەيلىدىن مەغلۇپ بولۇپ، بايازىت ئەسىرگە چۈشۈپ ئۇزاق ئۆتمەي ئۆلگەن. بۇ قېتىمقى جەڭ تۈركىيىنى بىر مەھەل كرىزىس ئىچىدە قالدۇرغان ۋە ئوتتۇرا ياۋروپاغا قىلغان ھۇجۇممۇ ۋاقىتلىق توسقۇنلۇققا دۇچ كەلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.