Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
安东
دۇنيا تارىخى
ئاڭدۇڭ
(تەخمىنەن 1806 - 1859) كامبودژا پادىشاھى (1845 - 1859). ئاڭكاننىڭ ئىنىسى. ئاڭكان ئۆلگەندىن كېيىن، ۋيېتنام كامبودىنى تىزگىنلىۋالغان. 1841-يىلى كامبودژىدا ۋيېتنامنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ يۈز بېرىپ، سىيام (ھازىرقى تايلاند) دىكى شاھزادە ئاڭدۇڭنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، تەختكە چىقىشىنى تەلەپ قىلغان. سىيام شۇ ھامان ئەسكەر چىقىرىپ ئاڭدۇڭنى كامبودژىغا ئاپىرىپ قويغان. 1845-يىلى سىيام بىلەن ۋيېتنامدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت تۆت يىل ئېلىشىش ئارقىلىق مۇرەسسەگە كېلىپ، قوشۇلغان. 1847-يىلى ئىككى دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ ئورتاق قاتنىشىشى بىلەن ئاڭدۇڭغا تاج كىيدۈرۈلگەن. سىيامنىڭ قوللىغانلىقىغا ھەق سۈپىتىدە، سىيام ئىگىلەپ تۇرۇۋاتقان ستوڭتىرىڭ قاتارلىق جايلارنى كېسىپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان. 1858-يىلى مەمىلكەت ئىچىدىكى چاملارنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرغان ھەمدە قوزغىلاڭچىلارنى قوللىغان ۋيېتنام بىلەن ئۇرۇش قىلغان. 1859-يىلى كېسەل بىلەن ئۆلگەن.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
ān dōng
ئاندوڭ
安东〈朝〉
ān dōng
ئاندوڭ