Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
安德罗尼柯
دۇنيا تارىخى
ئاندرونىك
(1)لىۋى ئاندورونىك (مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 284-204). قەدىمكى رىم دراماتورگى. يۇنانلىق بولۇپ، ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىنتوم شەھىرىدە تۇغۇلغان. رىملىقلار بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلغان ۋاقتىدا (مىلادىدىن 227ىل ئىلگىرى) ئەسىرگە چۈشۈپ، قۇل قىلىنغان، رىمدىكى خوجايىنى مارك لىۋى ئۇنى ئازاد قىلغاچقا، فامىلىسنى لىۋىغا ئۆزگەرتىپ خوجايىنىنىڭ پەرزەنتلىرىگە يۇنان تىلى ئۆگەتكەن. گومېرنىڭ <ئودېسا> (<ئودېسېيە خاتىرىسى>دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان) داستانىنى لاتىنچىغا تەرجىمە قىلغان (ساتۇئىن نەزىم ئۇسلۇبى بىلەن) كېيىن ئۇ دەرسلىك قىلىنغان ھەمدە كەڭ تارقالغان. يۇنانلىق ئورىپىدىسنىڭ تراگېدىيىلىرى ۋە مېناندىرىنىڭ كومېدىيىلىرىنى تەرجىمە قىلغان ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىپ يېزىپ چىققان. قەدىمكى يۇنان تىياتىرىنى تۇنجى قېتىم رىمغا ئېلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئۆزىمۇ رول ئېلىپ سەھنىگە چىقىپ ئويۇن كۆرسەتكەن. ئۇ ھەم شائىر بولۇپ، مىلادىدىن 720ىل ئىلگىرى رىم كاھىنىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، مەبۇت يونوۋانى مەدھىيلەش داستانى يېزىپ چىققان. دەسلەپكى دەۋردىكى رىم تىياتىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەسسە قوشقان. (2) رودسلىق ئاندرونىڭ (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅰ ئەسىر) قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى. رودۇس ئارىلىدا تۇغۇلغان. پېرىپاتىكىچىلار تەرەپدارى. ئارىستوتېلنىڭ يوقىلاي دەپ قالغان ئەسەرلىرىنى توپلىغان، رەتلەش ئارقىلىق ھازىر ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئارىستوتېل ئەسەرلىرى توپلىمىنىڭ ئاساسىنى قۇرۇپ چىققان. ئۇ يەنە زور مىقداردىكى ئىزاھلار يېزىپ چىققان بولۇپ، بۇ، كېيىن يوقىلىپ كەتكەن. ئېيتىلىشىچە <مېتافىزىكا> (ئەسلى مەنىسى فىزىكا ئىلمىدىن كېيىن دېگەن مەنىدە) دېگەن تىرمىننى ئۇ تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغانىكەن. ئۇ يەنە تېئوفراستوسنىڭ (ئارىستوتېلنىڭ شاگىرتى) ئەسەرلىرىنىمۇ رەتلەپ چىققان.