Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
安德洛尼卡一世
دۇنيا تارىخى
Ⅰ ئاندرونىك
(تەخمىنەن 1118 - 1185) ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى (1183 - 1185) ئىمپېراتور مانۇئىل Ⅰ گە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن قوغلاندى قىلىنىپ، ياقا يۇرتلاردا كۆپ يىل سەرسان بولۇپ يۈرگەن. 1180-يىلى مانۇئېل ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى ئالېكسىي Ⅱ (تەخمىنەن 1183 - 1168) يېشىغا يەتمەي تەختكە چىققان، ئانىسى مارىيە نايىبلىق قىلغان. 1181-يىلى ئاندرونىڭ پايتەخت خەلقىنىڭ مارىيە ھۆكۈمىتى ۋە سىرتتىن كەلگەن ۋېنتسىيە سودىگەرلىرىگە بولغان نارازىلىقىدىن پايدىلىنىپ، توپىلاڭ قوزغاپ، ئىككىنچى يىلى 5-ئايدا كونستانتىنوپولنى ئىشغال قىلىۋالغان. 1183-يىلى مارىيە بىلەن ئالېكسىي Ⅱ نى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ، ئۆزىنى ئىمپېراتور قىلىپ تىكلىگەن، تەختتىكى مەزگىلىدە يەرلىك مەمۇرىي ئورگانلىرىنى ئىسلاھ قىلغان، تېررورلۇق ۋاسىتىلەر بىلەن ئۆكتىچى ئاقسۆڭەكلەرنى باستۇرغان. 1185-يىلى سىتسىلىيە ئارىلىنى بېسىپ ياتقان نورمانلار ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى سېسالونىكانى بېسىۋالغاندا، كۈچەپ قارشىلىق قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئىناۋىتى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتكەن. ئاقسۆڭەكلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئىساك Ⅱ ئانگېل (؟ - 1204) نىڭ ئىمپېراتورلۇق تەختىكە ۋارىسلىق قىلىشنى قوللىغان.