Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
安达卢西亚
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەرئانادالۇسىيە
ئىسپانىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان رايون، ئۇ غەربىي جەنۇب تەرەپتە ئاتلانتىك ئوكيان، شەرقىي جەنۇب تەرەپتە يەر ئوتتۇرا دېڭىز سۇلىرى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. جەنۇبىي جەبىلتارىق بوغۇزى ئارقىلىق ئافرىقا قىتئەسىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. بۇ رايوننىڭ جەنۇبىدا ياۋروپانىڭ ئەڭ جەنۇبىي نۇقتىسى بولغان تارىغا تۇمشۇقى بار. ئاندالۇسىيە 1833 - يىلىدىن بۇرۇن بىر رايون بولۇپ، شۇ يىلدىن باشلاپ سەككىز ئۆلكىگە بۆلۈنگەن. ئۇلار: ۋېلۋا، خائېن، ئالمېرىيە، كادىز، كاردوۋا، گرانادا، مالاگا، سېۋىليالاردىن ئىبارەت. ئاندالۇسىيە رايونىنىڭ يەر مەيدانى 87 مىڭ 3 يۈز كۋادرات كىلومېتر، ئاھالىسى 10 مىليون ئەتراپىدا. ئۇ ئىسپانىيىنىڭ ئەڭ چوڭ رايونلىرىنىڭ بىرى. ئاندالۇسىيە مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئاندالۇسىيە تۈزلەڭلىك رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، مەملىكەتنىڭ مۇھىم دېھقانچىلىق رايونى ھېسابلىنىدۇ. بۇ جايدا كوررىدا بۇقىلىرى، ۋالىرىيە ئاتلىرى بېقىلىدۇ. تۈزلەڭلىكنىڭ جەنۇبىدا ئاندالۇسىيە تاغلىرى بار. بۇ تاغنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 600 كىلومېتر، شۇ تاغلىققا جايلاشقان مولاسىن چوققىسىنڭ ئېگىزلىكى 3748 مېتر بولۇپ، ئىسپانىيە بويىچە ئەڭ ئېگىز چوققا ھېسابلىنىدۇ. ئاندالۇسىيە تېغى ئىسپانىيىنىڭ جەنۇبىدا يەر ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىنى بويلاپ شەرقتىن غەربكە ئەگرى - توقاي ھالەتتە سوزۇلىدۇ.
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرىān dá lú xī yà
ئاندالۇتسىيەDئۇنىۋېرسال
ān dá lú xī yà
ئاندالۇسىيە
安达卢西亚〈西〉
ān dá lú xī yà
ئاندالۇتسىيە
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.