Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
阿加菜加群岛
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئاگالېگا تاقىم ئاراللىرى
ھىندى ئوكيانىڭ غەربىگە جايلاشقان. جەنۇنىي كەڭلىك 10°25′، شەرقىي ئۇۇنلۇق 56°40′ كېلىدۇ. بۇ ئاراللار شىمالىي ئارال ھەم جەنۇبىي ئارالدىن ئىبارەت ئىككى ئارالدىن تەركىب تاپقان، ئىككى ئارالنى قۇملۇقلار تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. مەمۇرىي جەھەتتىن ماۋرىتىئۇس جۇمھۇرىيىتىگەقارايدۇ. مەيدانى 70 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. ئاھالىسى 400 دىن ئاشىدۇ. بۇ جايدا ئاشلىق، پالما ئۆستۈرۈلىدۇ، پالما قۇرىتىدۇ، پالما يېغى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ ھەم ئېكسپورت قىلىنىدۇ. سەي ئۆستۈرۈلىدۇ. كالا ھەم ئۆي قۇشلىرى بېقىلىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى جەنۇبىي ئارالنىڭ شىمالىدىكى سانت رىتاغا مەركەزلەشكەن.