Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
埃罗拉石窟
دۇنيا تارىخى
ئېللورا تاش ئۆڭكۈرى
ھىندىستاندىكى مەشھۇر تاش ئۆڭكۈر. ھىندىستاننىڭ ماخاراشترا شتاتىدىكى ئائۇرانگابادنىڭ غەربىي شىمالىغا 25 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا. تىك تاش يارغا ئېغىزى غەربكە قاراپ تۇرغان 34 ئۆڭكۈر قېزىلغان بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى ئىككى كىلومېتىردىن ئارتۇق كېلىدۇ. ھىندى دىنى، بۇددا دىنى، جاينا دىنىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل تاش ئۆڭكۈرگە بۆلۈنگەن. 1 - 12 - ئۆڭكۈر مىلادى Ⅶ - Ⅴ ئەسىرلەردە قېزىلغان بۇددا دىنى ئۆڭكۈرى؛ 13 - 92 - ئۆڭكۈر Ⅷ - Ⅶ ئەسىرلەردە قېزىلغان ھىندى دىنى ئۆڭكۈرى؛ 30 - 34 - ئۆڭكۈر بولسا Ⅻ - Ⅸ ئەسىرلەردە قېزىلغان جاينا دىنى ئۆڭكۈرى. تاش ئۆڭكۈردە ئاساسەن ئويما نەرسىلەر بار، ئۇنىڭ ھۈنەر - سەنئىتى ئۆزگىرىشچان بولۇپ، قەدىمكى ھىندىستان ئويمىچىلىقىنىڭ يۈكسەك سەۋىيىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. تام سۈرەتلىرى كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن 32، 33 - ئۆڭكۈرلەردە ھۈر قىزلار تېما قىلىنغان بىر مۇنچە تام سۈرەتلىرى ساقلانغان، ئۇ شۇ زاماندىكى رەسساملىق سەنئىتىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.