Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
埃及七月革命
دائىرە: دۇنيا تارىخىمىسىر ئىيۇل ئىنقىلابى
مىسىردىكى فېئودال خاندانلىقنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان بۇرژۇئا ئىنقىلابى. 1952-يىل 7-ئاينىڭ 22، 23-كۈنلىرى جامال ئابدۇل ناسىر باشچىلىقىدىكى <ئەركىن ئوفىتسېرلار تەشكىلاتى> قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، پايتەختتىكى مۇھىم ئورۇنلارنى تىزگىنلىگەن. 26-كۈنى پادىشاھ فەرۇق (1936 - 1953) بىكار قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى چىققان. بۇ ئۆزىنى فۇئاد Ⅱ (1952 - 1953) دەپ ئاتىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىنقىلابىي يېتەكچى كومىتېت قۇرۇلۇپ، ناكىب رەئىس، ناسىر مۇئاۋىن رەئىس بولغان. يېڭى ھاكىمىيەت پادىشاھ جەمەتىنىڭ يەرلىرى مۇسادىر قىلىنىدىغانلىقى، ئىجتىمائىي تەبىقە ۋە ئاقسۆڭەك ئۇنۋانى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقى، 1923-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن بىكار قىلىنىدىغانلىقى ۋە يەر ئىسلاھاتى قانۇنى ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 1953-يىلى پادىشاھلىق تۈزۈمى بىكار قىلىنىپ، مىسىر جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.