Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
爱尔兰复活节起义
دۇنيا تارىخى
ئىرلاندىيىدىكى پاسخا بايرىمى قوزغىلىڭى
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىرلاندىيە خەلقى مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قوزغىغان قوراللىق قوزغىلاڭ. ئىرلاندىيە خەلقى <ئىرلاندىيە ئاپتونومىيە قانۇنى> نىڭ ماقۇللانمىغانلىقىدىن ۋە ئەنگلىيىلىنىڭ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقانلىقىدىن قاتتىق نارازى بولغان. قوزغىلاڭنى ئاساسەن ئىرلاندىيە مىللىي ئارمىيسى ئۇيۇشتۇرغان ھەمدە فېنى جەمئىيىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. قورال - ياراقنى گېرمانىيە يەتكۈزۈپ بەرمەكچى بولغان. قوزغىلاڭ 1916 - يىلدىكى پاسخا بايرىمىدا بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇلارنىڭ رەھبىرى كاسېمېنت (1864 - 1916) قولغا ئېلىنىپ كەتكەنلىكتىن، قوزغىلاڭ باشقا ئىككى رەھبىرى پېئېرسې بىلەن كوننولى (1870 - 1916) نىڭ رەھبەرلىكىدە پاسخا بايرىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنى پارتلىغان. قوزغىلاڭچى قوشۇن تەخمىنەن 1500 دىن ئارتۇق ئادەم بولۇپ، دۇبرلىندىكى پوچتا - تېلېگراف باش ئىدارىسى قاتارلىق مەركىزىي ئەسلىھەلەرنى ئىشغال قىلىپ، ئىرلاندىيە جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەنگلىيە دائىرىلىرى دەرھال باستۇرۇپ، بەش كۈن جىددىي جەڭ قىلىش ئارقىسدا، قوزغىلاڭ 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى مەغلۇپ بولغان. 15 نەپەر قوزغىلاڭچى ھەربىي سوتتا سوراق قىلىش ئارقىلىق ئۆلتۈرۈلگەن، كاسېمېنت دارغا ئېسىلغان، بىر نەچچە يۈز ئادەم قولغا ئېلىنغان. لېكىن كېيىن جايلاردا پارچە - پۇرات قوزغىلاڭلار ئۈزۈلمىگەن