Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
爱表虞限一世
دۇنيا تارىخى
ئېممانۇئېل Ⅰ
(1759 - 1824) ساردىنىيە پادىشاھلىقىنىڭ كورۇلى (1802 - 1821). 1793 - 1796 - يىللىرى ساردىنىيە قوشۇنىغا قوماندانلق قىلىپ فرانسىيە ئىنقىلابىغا قارشى تۇرغان، ناپولېئون تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇزاققىچە ساردىنىيە ئارىلىدا تۇرغان. 1802 - يىلى ئاكىسى ئىممانۇئېل (1751 - 1819) نىڭ پادىشاھلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلغان. 1814 - يىلى ناپولېئون ئىمپېرىيىسى بەربات بولغاندىن كېيىن، تورىنغا قايتىپ بارغان. ياندۇرقى يىلى ۋېنا يىغىنىنىڭ قارارىغا ئاساسەن ئەسلىدىكى ھۆكۈمرانلىق قىلغان رايونى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ھەمدە گېنۇيە قاتارلىق جايلار قوشۇپ بېرىلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە 1798 - يىلىدىن ئىلگىرىكى ئەمر - پەرمانلار ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ ئوردا ۋە كورۇلنىڭ فېئوداللىق ھوقۇقىنى قوغداپ قالماقچى بولغان. 1821 - يىلى 3 - ئايدا پىيېمونتتا بۇرژۇئا ئىنقىلابى پارتلاپ، ھۆكۈمەت پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، ئورنىنى فېلىكىس (1765 - 1831) كە ئۆتۈنۈپ بەرگەن ھەمدە ئالبېرتنى نائىب قىلغان