Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
埃贝尔
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
埃贝尔〈印度洋〉
āi bèi ěr
خېبېرت
دۇنيا تارىخى
ھېبېرت
(1757 - 1794) فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى دەۋرىدىكى سىياسىي ئەربارب، مۇخبىر. ھېبېرتچىلارنىڭ يولباشچىسى. ئالېنسوندىكى سودىگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. تىياتىرخانىدا كونتېر ۋە چاكار بولغان. 1789 - يىلىدىن باشلاپ، فېئوداللىق تۈزۈمگە زەربە بېرىدىغان تۈرلۈك كىتابچىلارنى تارقاتقان ھەمدە كوردېلىيې كۇلۇبى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. 1790 - يىلى <دۇشې خوجام گېزىتى> نى تەسىس قىلىپ، كەڭ خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئىگە بولغان. 1792 - يىلى 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىكى قوزغىلاڭدىن كېيىن، پارىژ كوممۇنىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى بولۇپ سايلانغان. ئىنتايىن تېررورلۇق سىياسەتنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان. مىللىي ئۇيۇشمىنى باھانى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش قانۇنى ۋە گۇمانلىق جىنايەتچىلەر قانۇنىنى ئېلان قىلىشقا مەجبور قىلغان، ئىنقىلابىي سوتنىڭ ئورنىغا خەلق سوتىنى قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ياكۇبىن دىكتاتۇرىسى دەۋرىدە ھەم دانتونچىلارنىڭ كەڭچىلىك قىلىش سىياسىتىگە قارشى تۇرغان، ھەم روبېسپىيېرچىلارنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىگە زەربە بەرگەن. 1794 - يىلى 3 - ئايدا قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرمەكچى بولۇپ، ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان، 24 - كۈنى ئۆلتۈرۈلگەن.