Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
阿尔塞尼四世
دۇنيا تارىخى
ئارىسېنج Ⅳ
(1698 - 1748) سېربىيە ئاقساقىلى (1725 - 1737). كارلوۋىسنىڭ باش ئېپىسكوپى. ئۇ ئاۋسترىيىدە روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان مەزگىلىدە ھاپىسبۇرگ خاندانلىقى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، جەنۇبىي سېربىيىدە تۈركىيىگە قارشى قوزغىلاڭ ئۇيۇشتۇرغان. بۇ قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان. ئاۋسترىيە ئارمىيىسى سېربىيىدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن ئاۋسترىيە زېمىنىدا مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. 1741-يىلدىن باشلاپ كارلوۋىسنىڭ باش ئېپىسكوپى بولۇپ، سېربىيىلىكلەرنىڭ پراۋوسلاۋىيە چېركاۋىنى باشقۇرغان.