Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
阿尔丰沙一世
دۇنيا تارىخى
Ⅰئالفونسو
(1110 - 1185) پورتۇگالىيە يۈرگۇند خاندانلىقىنىڭ كورۇلى (1139 - 1185). 1112-يىلى ئۈچ ياش ۋاقتىدا ئاتىسىنڭ ئۇنۋانىغا ۋارىسلىق قىلىپ پورتۇگالىيە گرافى بولغان، ئۇنىڭغا ئانىسى ھامىيىلىق قىلغان. 1128-يىلى ئۆزى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن قولدىن كەتكەن جايلارنى قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتى داۋامىدا 1139-يىلى 7-ئايدا ئوۋرىچى شەھىرىدە ئەرەبلەرنى مەغلۇپ قىلغان، ئۇزۇن ئۆتمەي قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ھىمايىسىدە كورۇل بولغان ھەمدە پورتۇگالىيە پادىشاھلىقىنى قۇرغان. كېيىن يەنە ئەرەبلەرنى بىر نەچچە قېتىم مەغلۇپ قىلىپ، 1146-يىلى سانتارېمنى قايتۇرۇۋالغان؛ 1147-يىلى 10-ئايدا ئەنگلىيە رىىتسارلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن لىسسابوننى ئىشغال قىلىپ پايتەخت قىلغان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلىدە دېقھانچىلىققا رىغبەرلەندۈرۈپ، شەھەرلەرنى بىنا قىىلپ، ئۇزۇن ۋاقىتلىق ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا ۋەيران بولغان ئىجتىمائىي ئىگىلىكنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرگەن.