Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆزئارا ئۈستۈنلۈك تالىشىپ ئېلىشماق، زىتلاشماق، رىقابەتلەشمەك.
ئۇ ئىككىسى دائىم پۈت تېپىشىپ يۈرەتتى، بىرىنى بىرى يېڭەلمەيىتتى. ئۇلار ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ يۈرگىلى خېلى بولدى. سەن ئۇنىڭ بىلەن كاللا سوقۇشتۇرۇپ نېمە قىلىسەن، ھالى كۈنىڭ ياخشىغۇ، جىم يۈر.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
قارشى تەرەپ بىلەن مەنمەنلىك تالاشماق، ئۈستۈنلۈك تالاشماق، رىقابەتلەشمەك: نادان جاھىللار بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرماستىن، بەلكى ئۇلارنى ئىمكانقەدەر ئىنساپ ۋە ئەخلاققا دەۋەت قىلىش كېرەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
قارشى تەرەپ بىلەن مەنمەنلىك تالاشماق، ئۈستۈنلۈك تالاشماق، رىقابەتلەشمەك.
نادان جاھىللار بىلەن ئۆزەڭگە سوقۇشتۇرماستىن، بەلكى ئۇلارنى ئىمكانقەدەر ئىنساپ ۋە ئەخلاققا دەۋەت قىلىش كېرەك.
Rate this entry