Uyghur←ChineseMain Dictionary
زۋىڭلى
Domain: دىنى سۆزلۈكلەرخىرىستيان دىنى
茨温利
cí wēn lì
Domain: دۇنيا تارىخى慈温利
cí wēn lì
(1484 - 1531) شۋېتسارىيە دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى. ھاللىق دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. بېرن، ۋېنا ۋە بازېلدا ئوقۇغان. 1506 - يىلى شۋېتسارىيە گلاروس شتاتىدىكى كاتولىك چېركاۋىنىڭ ساكېردوسى بولغان. مىلان كىنەزىنىڭ شۋېتسارىيە ياللانما قوشۇنىدىكى پوپ سۈپىتىدە ئىتالىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1519 - يىلى سيۇرىختا دىنى ئىسلاھات پائالىيتىگە كىرىشكەن. ئۇ <ئىنجىل> نى ئاساس قىلىپ، كاتولىك چېركاۋىنىڭ مەرتىۋە تۈزۈمى، گۇناھتىن ساقىت قىلىش بېلىتى، بۇتقا چوقۇنۇش، مىسسىئونېرلارنىڭ ئەمرىمەرۇپى ۋە بويتاقچىلىق ھەمدە باشقا چاكىنا قائىدە - يوسۇنلىرىغا قارشى تۇرغان، ئۇ قۇرغان چېركاۋلاردىكى پوپ مۇرىتلار سايلىمى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن. 1522 - يىلى پاپا بىلەن ئاشكارا ئادا - جۇدا بولغان. شۇ يىلى ئۆزىنىڭ دىنىي ئەقىدىسىنى شەرھلىگەن <67 ماددىلىق پروگرامما> نىئېلان قىلغان. ئۇنىڭ ئىجتىمائىي سىياسىتى ۋە ئىقتىسادىي كۆز قارىشى ياللانما ئەسكەر تۈزۈمىگە، جازانە ۋە يانچىلىق تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇپ، ئۇششاق خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى قوغداشتىن ئىبارەت. ئۇ تەشەببۇس قىلغان پروتېستانت دىنى شۋېتسارىينىڭ شەھەر شتاتلىرىدا ناھايىتى تېزلا قوبۇل قىلىنغان، يېزا شتاتلىرىدىكى ئاقسۆڭەكلەر بولسا ئۇنىڭ قاتتىق قارشى تۇرغان. نەتىجىدە ئىچكى ئۇرۇش كېلىپچىققان. 1531 - يىلى 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى كاپپېل (سيۇرىخ شتاتىدا) جېڭىدە ئۆلگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.