Chinese→UyghurMain Dictionary
佐贺藩
Domain: دۇنيا تارىخىساگا ۋاسساللىقى
خېزىن ۋاسساللىقى دەپمۇ ئاتالغان. ياپونىيە ئازوچى - موموياما دەۋرىدىن تارتىپ مۇھىم ۋاسساللىقلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن. ئۇنىڭ بىرىنچى ئەۋلاد ۋاسسال بېگى نابېشىما چىشگې (1538 - 1618). خېزېن بەگلىكىنىڭ ساگا دېگەن يېرى ئۇنىڭغا تەۋە رايون بولغان. توكۇگاۋا شوگونلۇقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ۋاسسال ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇپ، ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى بېيىتىش، ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىش سىياسىتىنى يولغا قويغان.ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك بولغانلىقتىن، ساتسۇما، ناگاسىيۇ، توسادىن ئىبارەت ئۈچ ۋاسساللىق بىلەن بىرگە مېيجى يېڭىلىقىنىڭ يېتەكچىكۈچى بولۇپ قالغان. 1871 - يىلى ۋاسساللىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىمارې ناھىيىسى قىلىپ قۇرۇلغان. ئىككىنچى يىلى ساگا ناھىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.