Chinese→UyghurMain Dictionary
族内婚
قانۇن
zú nèi hūn
جەمەت ئىچىدىن نىكاھلىنىش
دۇنيا تارىخى
قوۋم ئىچىدە نىكاھلىنىش
يەنى قەبىلە ئىچىدە نىكاھلىنىش. ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىدە بىر قەبىلىنىڭ ئىچىدىكى ھەرقايسى ئۇرۇقلار ئارا نىكاھلىنىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇرۇق سىرتىدا نىكاھلىنىش بىلەن قەبىلە ئىچىدە نىكاھلىنىشنىڭ مەنىسى ئوخشاش بولۇپ، ئىچى - سىرتى دەپ ئاتاش، پەقەت ئۇرۇق بىلەن قەبىلىنىڭ ئوخشاش بولمىغان دائىرىسىگىلا قارىتىلىدۇ. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە، پەقەت ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسىدىن بۇرۇنقى قان - قېرىنداشلار نىكاھلانغان ئائىلىدىلا، گۇرۇھ ئىچىدە نىكاھلىنىش يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسىدا ئۇرۇق ئىچىدە نىكاھلىنىش مەنئىي قىلىنغان. ئەنگلىيىلىك ئالىم مكلېننان <ئۇرۇق ئىچىدە نىكاھلىنىش> دېگەن ئاتالغۇنى بىرىنچى قېتىم قوللىنىپ، ئىپتىدائىي قەبىلىلەرنى <سىرتىدا نىكاھلىنىدىغان> قەبىلە بىلەن <ئىچىدە نىكاھلىنىدىغان> قەبىلىدىن ئىبارەت ئىككى خىلغا بۆلگەن. ئىلىم - پەن بۇنداق بۇلۇشنىڭ ھېچقانداق ئاساسىي يوق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. <قوۋم سىرتىدا نىكاھلىنىش>قا قاراڭ.