UyghurMain Dictionary
زۇلقەرنەين
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىككى مۈڭگۈزۈلۈك. دۇنيا قەدىمكى زامان تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر شەخس - ئىسكەندەرنىڭ لەقىمى:
ھەزرەتى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ يەتتە ئىقلىم پادىداھلىرىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغانى.
ئىسكەندەر نامە.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىككى مۈڭگۈزلۈك؛ ئىسكەندەر شاھنىڭ زۇلقەرنەين (ئىككى مۈڭگۈزلۈك ئىسكەندەر)؛ يەمەندە ئۆتكەن ئەرەپ پادىشاھى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مەنىسى «قوش مۈڭگۈزلۈك ئادەم» دېگەنلىك بولىدۇ. قۇرئاندا قەيت قىلىنغان شەخس. ئادەتتە قەدىمىي ماكىدونىيە ئىمپېراتورى ئالېكساندىر (مىلادىيىدىن ئىلگىرى 336 - يىلدىن مىلادىيىدىن ئىلگىرى 323 - يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان) كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بەزىلەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن دەۋرداش پادىشاھ كۆزدە تۇتۇلىدۇ، دەيدۇ. «قوش مۇڭگۈزلۈك پادىشاھ» دېگەنگە كەلسەك، بەزىلەر ئۇنى شەرق ۋە غەرب (پرىسىيە ۋە گرېتىسىيە) نىڭ پادىشاھى، دەيدۇ؛ بەزىلەر ئۇنى زېمىننىڭ شەرق ۋە مەغرب قۇتۇپلىرىنى بويسۇندۇرغان، دەيدۇ؛ بەزىلەر ئۇنىڭ پادىشاھلىق تاجىسىدا ئىككى مۈڭگۈز ياكى پېشانىسىدە ئىككى چېچى بولغان، دەيدۇ. قەيت قىلىنىشىچە، زۇلقەرنەين ئاللا بەرگەن بىلىم ۋە قابىلىيەت بىلەن ئاللانىڭ پەرمانلىرىنى ئىجرا قىلغان. ياخشىلارنى مۇكاپاتلاپ، يامانلارنى جازالىغان ھەمدە تۆمۈردىن «مەھكەم توساق (تام) سېلىپ»، جاھاندا يامانلىق قىلغان يەجۇج - مەجۇجلەرنى قورشىۋەتكەن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
زۇلقەر، زۇلقەن
ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ لەقىيى (قوش مۈڭگۈزلۈك دېگەن بولىدۇ) بۇ ئىسىم رىۋايەتلەردىكى ئىسكەندەرنى ئۇلۇغلاش يۈزىسىدىن قويۇلغان بولۇشى مۇمكىن