Lughet
DictionaryUyghurزۇلال
UyghurMain Dictionary

زۇلال

چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى پارىسچە تىنىق، سۈزۈك، تازا شېرىن سۇ: مەنبە؛ تەرىپ: شاراب: كىمكى ئىچتى رەھمەتىڭ دەرياسىدىن بىر جۇرئەئى، بارچە ئالەمدىن مۇنەزرەھ بولدىيۇ بولدى زۇلال. مەنسۇر باخشى. 2. لەبىڭنىڭ قەندىدىن قىلدىم تەمەننا، سېنىڭ شېرىن زۇلالىڭنى ئىشىتتىم. خىرقەتى. 3. ھەمىيەت داغى مانېئ ئولدى بەسى، كى ئەلدىن زۇلالىغە تۈشگەي خەسى. نەۋايى. كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى ئەرەبچە تىپ - تىنىق ۋە شىرىن سوغۇق سۇ. مەنىداش سۆزلۈكلەر سۇ ۋە سۇيۇقلۇقنىڭ ساپلىقى. سۈزۈك بۇلاقتىن لاي سۇ ئاقماس. سۈزۈك سۇدا ئېرىقنىڭ تېگى كۆرۈنەر. تىنىق سۇدا دۇغ يوق. قارشى مەنىلىك سۆزلەر غۇبارسىز، سۈزۈلگەن، تىنغان، ئوچۇق، تازا. تۇتۇق لاي - لاتقىلىق، تىنمىغان، سۈزۈلمىگەن، تازا ئەمەس. سۈيى سۈزۈك كۆلنىڭ ئاستىدا قۇرت. تىنىق سۇدا بېلىق بولماس. زۇلال بۇلاقتىن لاي سۇ ئاقماس. ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر سۈپەت ئەرەبچە يېزت ئىنتايىن سۈزۈك، تىنىق، ساپ. زۇلال ئاسماندا بوز تورغاي، قىلار جەۋلان تىنىم تاپماي. ئەرلەرنىڭ ئىسمى. ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم (ئەرەبچە) يېنىك، ساپ ۋە تاتلىق سۇ. ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ئەرلەرگە خاس ئىسىم پارىسچە زىلال سۈزۈك، پاك
Rate this entry

Same word in other sources

زۇلالUyghurChineseGetWord CorpusزۇلالUyghurEnglishMain DictionaryزۇلالUyghurChineseMain Dictionary

Related words

ئاب زۇلالUyghurزۇلالىيUyghurزۇلجالالUyghurزۇلھىلالUyghurزۇلجەلالUyghurزۇلال تاپماقUyghur
← Search