Chinese→UyghurMain Dictionary
最小变化法
پسىخولوگىيە
ئەڭ كىچىك ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى
سەزگۈ چېكىنى بىۋاستە ئۆلچەشتىكى بىر خىل ئۇسۇل. بۇ ئۇسۇلنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، تەسىر چوڭىدىن كىچىككە، كىچىكتىن چوڭغا قاراپ ئالماشتۇرۇپ بېرىلىدۇ. ھەر قېتىم بېرىلگەن تەسىرنىڭ ئۆزگىرىشى ناھايتى كىچىك بولىدۇ، لېكىن پەرق بىردەك بولىدۇ. تەجرىبە ئوبيېكتى ھەر قېتىملىق سەزگىنىنى ئېيتىپ تۇرىدۇ. سەزگەندىن سەزمىگەنگىچە، سەزمىگەندىن سەزگەنگىچە بولغان تەسىر كۈچىنىڭ ئوتتۇرىچە سانى ئۆلچەشنىڭ مۇتلەق چېكى قىلىنىدۇ.