Uyghur←ChineseMain Dictionary
زومبا
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر宗巴
zōng bā
مالاۋى جۇمھۇرىيىتىنىڭ كونا پايتەختى، مۇھىم ئىقتىسادىي مەركىزى. زومبا شەھىرى مالاۋى كۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغ ئېتىكىگە جايلاشقان. شەھەر جايلاشقان ئورۇننىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 960 مېتىردىن ئاشىدۇ. ئاھالىسى 20 مىڭغا يېتىدۇ. بۇ ئورۇنغا 1885 - يىلى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى بىر پونكىت قۇرغان. شەھەر شۇ ئاساستا شەكىللەنگەن. 1964 - يىلى مالاۋى مۇستەقىل بولغاندىن تارتىپ 1975 - يىلغىچە دۆلەتنىڭ پايتەختى بولغان. شەھەردە كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئېھتىياجلىق خىمىيە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان سانائەت ئورۇنلىرى بىلەن يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، ياغاچچىلىق، سېمونت قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. زومبا شەھىرى تاشيوللار ئارقىلىق ئەڭ چوڭ شەھىى كاپىنى، مەركىزى لىلونگۋىلار بىلەن تۇتىشىدۇ. شەھەرنىڭ يېنىدا ئايرودروم بار.
Domain: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى宗包
zōng bāo
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.