Lughet
DictionaryUyghurزىندىق
UyghurMain Dictionary

زىندىق

چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى ئەرەبچە دىنسىز، خۇداسىز، مۇناپىق: ھەركىشكىم ئەھلى سىدىق، سىددىق بولۇر، ھەركىشىكىم ئەھلى جەھل زىندىق بولۇر. خەراباتى. كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى ئەرەبچە خۇداسىز، دىنغا ئىشەنمەيدىغان؛ مانى دىنىدىكى كىشى؛ ئىككى مەنبەئەچى؛ غەيرى دىندىكى كىشى. ئىسلام ئاتالغۇلىرى بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى «ئىمانسىز» دېگەنلىك بولىدۇ، ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدىكى يازغۇچىلار زاراتوسىرا دىنى ۋە مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى «زىندىقلار» دەپ ئاتىغان. دىندا كەڭچىلىك قىلىنغان دەۋرلەردە ئۇلار ئىراق ۋە پرىسىيە قاتارلىق خەلىپىلىك ھۆكۈمەتلەردە بىر مەھەل ۋەزىپە ئۆتىگەن. تەسىرى كۈنسايىن ئېشىپ كەتكەنلىكتىن ئابباسىيلار سۇلالىسنىڭ خەلىپىسى مەھدى (775 - يىلىدىن 785 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان دەۋردە ئۇلارغا ئومۇميۈزلۈك زىيانكەشلىك قىلىشنى باشلىغان. مەسىلەن، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ئىبنى مۇقەفەلنى 757 - يىلى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يوشۇرۇن ھالەتكە كۆچكەن ياكى ئىسمائىلىيەگە ئۆتكەن نام بىلەن ئېتىقادىنى يوشۇغان.
Rate this entry

Same word in other sources

زىندىقUyghurChineseMain Dictionary

Related words

زىندىقەUyghurزىندەUyghurزىندانUyghurپىندىقUyghurزىقUyghurزىنUyghur
← Search