Uyghur←ChineseMain Dictionary
زېمىندارلىق تۈزۈمى
Domain: دۇنيا تارىخى柴明达里制
chái míng dá lǐ zhì
ئەنگىلىيە ھىندىستاندا يولغا يەر بېجى تۈزۈمى. <تۇراقلىق زىمىندارلىق تۈزۈمى> ۋە <تۇراقسىز زىمىندارلىق تۈزۈمى> دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. 1793 - يىلى ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى ئېلان قىلىپ، بېنگال، بىخار ۋە ئورىسسا قاتارلىق جايلاردا يولغا قويغان. <زېمىندارلارنىڭ مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىدىغان يەر ئىگىلىرى ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنغان>، زېمىندارلارنىڭ ئۆزىنىڭ 1790 - يىلدىكى يەربېجىنىڭ 90 پېرسەنتكە تەڭ كېلىدىغان باجنىيەرنىڭ ئالىي ئىگىسى بولغان مۇستەملىكىچى دائىرىلەرگە تاپشۇرۇشى بەلگىلەنگەن. بۇ يەر ئىجارىسى <مەڭگۈلۈك> قىلىپ تۇراقلاشتۇرۇلغان. بۇ تۇراقلىق زىمىندارلىق تۈزۈمى ياكى تۇراقلىق يەر بېجى تۈزۈمى بولۇپ، يەنە مەڭگۈلۈك يەر ئىجارىسى تۈزۈمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1822 - يىلىدىن كېيىن ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى نۇرغۇن جايلاردا <تۇراقسىز زېمىندارلىق تۈزۈمى> يولغا قويۇلغان. باج سوممىسى ھەر 25 - 30 يىلدا بىر قېتىم ئۆزگەرتىلگەن. زېمىندار يەر بېجىنى ۋاقتىدا تاپشۇرالمىسا، يەر سېتىۋېتىلگەن. بۇ تۈزۈمنىڭ يولغا قويۇلىشى زېمىندارلارنىڭ دېھقانلار ئۈستىدىكى دەھشەتلىك زۇلۇمىنى ئېغىرلاشتۇرغان. بىر قىسىم زېمىندارلار باجنى تۆلەپ بولالماي ۋە قەرزنى قايتۇرۇپ بولالماي ۋەيران بولغان. يەرلەر ئاستا - ئاستا ھايانكەشلەرنىڭ ۋە جازانىخور سودىگەرلەرنىڭ قولىغا ئۆتكەن. ماركىس تۇراقلىق يەر بېجى تۈزۈمىنى ئەنگىلىيە چوڭ يەر ئىگىدارلىقى تۈزۈمىنىڭ قوپال كۆچۈرۈلمىسى دەپ كۆرسەتكەن.
Domain: ئۇنىۋېرسال紫明达制
zǐ míng dá zhì
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.