UyghurMain Dictionary
زېڭ مىن
دۇنيا تارىخى
(؟ - 653) سۈي، تاڭ دەۋرىلىرىدە جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇغان ياپونىيىلىك راھىب. جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ ئەۋلادى. مىلادى 608 - يىلى (تۈگو خاندانلىقىنىڭ 16 - يىلى، سۈي خاندانلىقى دايۈنىڭ 4 - يىلى) سۈي خاندانلىقىغا ئەۋەتىلگەن ئەلچى ئونو ئىموكو بىلەن بىللە جۇڭگوغا كەلگەن. 632 - يىلى(شۇمىڭ تېننونىڭ 4 - يىلى، تاڭ خاندانلىقى جېڭگۇەننىڭ 6 - يىلى) ياپونىيەگە قايتىپ كەتكەن. ئوقۇش مەزگىلىدە ئۇ بۇددا ئىلىمىنى ئۆگەنگەندىن باشقا يەنە پالچىلىقنىمۇ ئۆگەنگەن. ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن مەكتەپ ئېچىپ، ناكاتومى كاماتارى، سوگا ئىروكا (؟ - 645) قاتارلىقلارغا <پالنامە> نى ئۆگەتكەن. تايكا ئىسلاھاتىدا دۆلەت دوكتورى بولغان. سەككىز ۋازارەت، يۈز ئەمەل تۈزۈمىنى تۈزۈشكە قاتناشقان.