UyghurMain Dictionary
زىل
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سايە؛ ھامىي:
تەۋانايى بەدەنھەم قۇۋۋەتى دىل،
چىرايلىغ سۈرەتۇ رەۋشەن چىراي زىل.
ناقىس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەبىئىتى چۇس، مىجەزى ئىتتىك.
زىل ئادەم زىلچىدىنمۇ ئاغرىنىدۇ. نازۇك قىز ناز قىلىدۇ. نازىدىن زىيان تارتىدۇ. ئائىلىدىكى بىر قانچە خاتا مۇناسىۋەتلەر ئۇنىڭ ئاغزىنىڭ ئىتتىكلىكىدىن، يەنە سىركىسى سۇ كۆتۈرمەيدىغان مىجەزىدىن بولۇپ تۇراتتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مىس ياكى تۆمۈردىن ياسالغان، ئىچى كاۋاك، سوقمىقى با سايمان، سىلكىنىشتىن سوقمىقى سوقۇلۇپ ئاۋاز چىقىرىدۇ.
«كولدۇرما» نى كارۋان تۆگىگە ئاسىدۇ.
بىر قوڭغۇراق قوشۇلسا، بىر ئاۋاز كۆپىيەر. زىل چالغاندا دەرسكە چىقىمىز، دەرستىنمۇ چۈشىمىز. كولدۇرما تۆگىگە يارىشىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
بوم ياكى توم ئەمەس، ئىنچىكە، يېقىملىق (ئاۋاز ھەققىدە).
زىل ئاۋاز.
قىزنىڭ ئاۋازى تۇرغاينىڭكىدەك زىل، تەمبۇر ئاۋازىدەك جاراڭلىق ئىدى.
قوپال گەپ - سۆز ۋە قوپال مۇئامىلىنى كۆتۈرەلمەيدىغان، نازۇك.
زىل ئادەم. زىل كۆڭۈل.
سىلىق، چىرايلىق، ئىنچىكە.
قېيۇم ئۇستا زىل ئىش قىلىدىغان تەجرىبىلىك ئۇستا ئىدى.