UyghurMain Dictionary
زىكر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سۆزلەش، تىلغا ئېلىش، بايان قىلىش؛ شەرھلەش:
يۈزۈڭنى كۆرمەگەننى كۆز دېمەسمەن،
سېنىڭ زىكرىڭ ئەمەسنى سۆز دېمەسمەن.
خىرقەتى.
بارى ئەلنىڭ تىلىنىڭ زىكرى ئول گۈلچىھرە بولۇپدۇر،
مەگەر كىم ئول پەرىغە خىزىر، پەيغەمبەر نەزەر قىلدى.
قەلەندەر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سۆزلىمەك، تىلغا ئالماق، بايان قىلماق؛ ئەسلىمەك، يادلانماق.
بىئولوگىيە
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <ياد ئېتىش>، <قەسىدە> دېگەنلىك بولىدۇ. مۇسۇلمانلار ئاللاغا بېغىشلانغان قەسىدە، ھەمدۇسانالارنى ئوقۇش ئارقىلىق ئاللانى ياد ئېتىپ تۇرىدۇ. <قۇرئان كەرىم> دە <ئاللانى يادلاپ تۇرۇش> توغرىسىدا مۇنۇ ئايەت بار: <ئى مۆمىنلەر! ئاللانى كۆپ ياد قىلىڭلار. ئۇنىڭغا ئەتىگەن - ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىڭلار (چۈنكى بۇ ئىككى ۋاقىتقا پەرىشتىلەر چۈشۈپ تۇرغانلىقتىن، ئۇ ۋاقىتلارنىڭ ئەۋزىلى ھېسابلىنىدۇ)> 23 - سۈرىنىڭ 41 -، 42 - ئايەتلىرى.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئەسلەش، خاتىرىلەش