Chinese→UyghurMain Dictionary
自治殖民地
قانۇن
zì zhì zhí mín dì
ئاپتونومىيىلىك مۇستەملىكە
دۇنيا تارىخى
ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان مۇستەملىكە
شىمالىي ئامېرىكىدىكى كوننېكتىكۇت ۋە رودى ئارىلىدىن ئىبارەت ئىككى رايوننى كۆرسىتىدۇ. ⅩⅦ ئەسىردە ماسساچۇسېتقا كۆچۈپ كەلگەن باي پرىتانلار مۇستەبىت دىنىي ئولىگارخىيە ئورنىتىپ، باشقا دىنىي مەزھەپتىكىلەرگە دەھشەتلىك زىيانكەشلىك قىلغان، ئاز سانلىقلار دىن تارقاتقۇچىلىرى كۆچمەنلەرنى باشلاپ باشقا جايغا كۆچۈپ كەتكەن. روگېرۋىلليام (تەخمىنەن 1603 - 1683) ۋە ئاننې خۇچېنسون (1591 - 1643) خانىم ⅩⅦ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى جامائەتنى باشلاپ، رودى ئارىلىغا كۆچۈپ بارغان. توماس خوكېر (تەخمىنەن 1586 - 1647) كوننېكتىكۇتقا كۆچۈپ بارغان. ئۇلار بۇ ئىككى رايوندىكى مۈلۈكدارلار تۈزگەن <ئۆزىنى - ئۆزى ئىدارە قىلىش ئەھدىنامىسى> نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىشتىراك قىلىپ، رايون بويىچە ئۆزى ئىدارە قىلىشنى يولغا قويغاچقا، ئۆزىنى - ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان مۇستەملىكە دەپ ئاتالغان. كېيىن ئەنگلىيىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.