Chinese→UyghurMain Dictionary
自由志愿军
دۇنيا تارىخى
ئەركىن پىدائىيلار قوشۇنى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىتالىيە خەلقىنىڭ گېرمانىيە ئىشغالىيەتچىلىرىگە ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى فاشىستلارغا قارشى پارتىزانلار ئەترىتىنى يادرو قىلىپ، ھەرقايسى پارتىزانلار ئەترىتى بىلەن بىرلىشىپ قۇرۇلغان. قاتناشقۇچىلار 250 مىڭ كىشىدىن ئاشقان. شىمالىي ئىتالىيە مىللىي ئازادلىق كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولغان. 1945-يىلى 4-ئايدا، گېرمان قوشۇنلىرى ئىشغالىيىتى رايونىدىكى ئومۇمىي ئىش تاشلاش ۋە قوراللىق قوزغىلاڭغا ماسلاشقان ھەمدە ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ تورىن، گېنويە قاتارلىق ئاساسلىق شەھەرلەرنى ئازاد قىلىپ، فاشىستىك ھاكىمىيەتنىڭ گۇمران بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. كېيىن ئەنگلىيە - ئامېرىكا بىرلەشمە ئارمىيىسى تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن.