UyghurMain Dictionary
زىياۋۇددىن ۋەقەسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
19- ئەسىرنىڭ باشلىرى ئاق تاغلىقلار بىلەن قارا تاغلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى دىنىي چاتاقتىن پەيدا بولغان ھاكىمبەگكە قارشى تۇرۇش ۋەقەسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. قارا تاغلىقلار جەمەتىدىن بولغان زىياۋۇددىن قەشقەرنىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى تاشمىلىقتا ئولتۇرىدۇ. چوڭ - كىچىك خوجىلار توپلىڭى بولغاندا زىياۋۇددىننىڭ بوۋىسى ئاق تاغلىقلارنىڭ قولىدا ئۆلۈپ كېتىدۇ. نەتىجىدە بۇ جەمەت ئاق تاغلىقلار بىلەن ئۆچەكلىشىپ قالىدۇ. 1814 - يىلى زىياۋۇددىن ئاق تاغلىق قاقۇن خوجىنىڭ قىزىنى ئەمرىگە ئېلىپ، يارىشىپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئىككىنچى يىلى خوتۇنىنى ئاپاق خوجا مازىرى يېنىدىن تاشمىلىققا كۆچۈرۈپ كەتمەكچى بولىدۇ. قەشقەر شەھىرىنىڭ ھاكىمى يۈسۈپ خوجا جەمەتىدىكىلەر <خوجا قەبرىسىگە يېقىن ئولتۇرۇش كېرەك. يىراققا كېتىشكە بولمايدۇ> دېگەننى باھانە قىلىپ، زىياۋۇددىننىڭ كۆچۈپ كېتىشىگە يول قويمايدۇ. زىياۋۇددىن بۇيرۇتلارنىڭ ئاقساقىلى تۇردى مامۇتبەگ بىلەن بىرلىشىپ، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ ئات ئېغىلىغا ئوت قويۇپ، ئۇ يەردىكى ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. بۇ ۋەقە بولغاندىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەسكەرلىرى باستۇرۇشقا كېلىدۇ. تۇردى مامۇتبەگ نائىلاج زىياۋۇددىننى تۇتۇپ بېرىدۇ. بۇ ۋەقە ئىككى ئاي داۋاملىشىدۇ. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى زىياۋۇددىنغا ئۆلۈم جازاسى بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە تۇردى مامۇتبەگنىڭمۇ چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىمۇ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىدۇ. تۇردى مامۇتبەگنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن بۇيرۇتلار چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە نارازى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەش يىلدىن كېيىن كىشىلەر جاھانگىر خوجا توپىلىڭىغا قاتنىشىپ كېتىدۇ.