Chinese→UyghurMain Dictionary
朱印船
دۇنيا تارىخى
مۆھۈرلۈك پاراخوت
ياپونىيىنىڭ مۆھۈرلەنگەن چەت ئەلگە قاتنشا ئىسپات خېتى بولغان سودا پاراخوتلىرى. مۇرۇماچى باكو شوگۇنلۇق دەۋرىدە باشلىنىپ، تويوتومى خىدىيوشى دەۋرىدە تۈزۈمگە ئايلانغان. ئېدونىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە راس ئەۋج ئالغان. كۆپىنچىسى جەنۇبىي ئوكياننىڭ ھەرقايسى قايلىرىغا قاتنىغان. 1604 - 1635-يىللىرى قاتناش مۆھۈرلەنگەن گۇۋاھنامىدىن 350 دىن 360 گىچە تارقاتقان. تارقىتىشقا تويومىتسو ئىبادەتخانىسىدىن شوتورو، ئېنمىتسو ئىبادەتخانىسىدىن موتو تاداشى، كونچىئىندىن تاكېنو تىسۇتائو مەسئۇل بولغان. ئالىدىغانلار ئىچىدە چوڭ خوجىلاردىن شمازۇ، تاېشما، ھوسوكاۋا قاتارلىقلار؛ سودىگەرلەردىن كيوتودىن كادوكۇزا، ساتورۇكورې، ئوساكادىن سۇ ئېكىچى، ماگوزا ئېمون، ناگاساكىدىن سوئېتسۇگى خېىزو قاتارلىقلار؛ چەت ئەللىكلەردىن ئەنگلىيىلىك ۋىليام ئادامىس جۇڭگولۇق لى دەن قاتارلىقلار بولغان. كەچكۈز بىلەن باشقىشنىڭ شىمال شامىلىغا تايىنىپ، ياپونىيىنىڭ جەنۇبىدىن چىقىپ مالاي يېرىم ئارىلى، كامبودژا، سىيام، لۇسۇن پورتلىرىغا بارغان. باش يازنىڭ جەنۇب شامىلىدىن پايدىلىنىپ، ياپونىيىگە قايتىپ كەلگەن. كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، گۇڭگۈرت، كامفارا، ئاشلىق، فار فور قاچا - قۇچا، سىرلانغان ئەسۋاب قىلىچ - خەنجەر قاتارلىق تاۋارلارنى چىقىرىپ، يىپەك، يىپەك توقۇلمىلار، پاختا رەخت، خۇرۇم زىسۇياغىچى، قوغۇشۇن، قەلەي، قەنت قاتارلىق تاۋالارنى كىرەۈزگەن. پاراخوت - كېىمىلەرنىڭ كۆپىنچىسى 300 - 400 توننىلىق بولغان، چوڭى 780 توننىلىق بولغان. دې چۇەنجيا گۇاڭ دۆلەتنى ماقال قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇ، 1635-يىلى چەكلەپ قويغان.