Chinese→UyghurMain Dictionary
卓别廨
دۇنيا تارىخى
چاپلىن
(1889 - 1977) ئەنگلىيە كىنو سەنئەتچىسى. لوندوندا تۇغۇلغان. دەسلەپتە كارنويە ئۈنسىز تىياتىر ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى بولغان، كېيىن تىياتىر ئۆمىكى بىلەن بىللە ئامېرىكىغا بېرىپ سەييارە ئويۇن كۆرسەتكەن. 1913-يىلى كىنو ئارتىسى بولغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئامېرىكىدا ئۇنىڭ كىنوچىلىق ھاياتى باشلانغان. كىنوغا ئالغان فىلىملىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆزى تۈزۈپ ئۆزى ئورۇنلىغان. فىلىملىرىدا كۆزگە ئىلىنمايدىغان، خورلانغۇچى ئاددىي كىشىلەرنىڭ ئوبرازىنى يارىتىپ، بۇ ئادىدىي كىشىلەرنىڭ كومىدىيىلىك سەرگۈزەشتلىرى ئارقىلىق كاپىتالىزم جەمئىيىتدىكى ھادىسىلەرنى پاش قىلغان ۋە مەسخىرە قىلغان. پۈتۈن ئۆمرىدە نۇرغۇن كومېدىيىلىك فىلىملەرنى كىنوغا ئالغان بولۇپ، مەشھۇرلىرىدىن <ئالتۇن چايقاش خاتىرىسى> (1925)، <شەھەر مەنزىرىسى> (1931)، <مودا دەۋر> (1936)، شۇنىڭدەك فاشىستلارغا قارشى مەسخىرە كومېدىيىلىك فىلىم <چوڭ مۇستەبىت> (1940) قاتارلىقلار بار. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يەنە <ۋېردىن ئەپەندى> (1947)، <سەھنە ھاياتى> (1952) ناملىق كىنولارنى ئىشلىگەن. ئامېرىكىدىك تەرەققىيپەرۋەر ھەرىكەتلەرگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن ماككارتىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، 1952-يىلى ئامېرىكىدىن ئايرىلىپ، شۋېتسارىيىدە ئولتۇراقلاشقان. 1957-يىلى يەنە ئەنگلىيىگە برىپ <بىر پادىشاھ نيۇ - يوركتا> ناملىق فىلىمنى ئىشلىگەن. 1967-يىلى <شياڭگاڭلىق ئايال گراف> ناملىق ئاخىرقى بىر فىلىمنى ئىشلىگەن. كېيىن شۋېتسارىيىدە ۋاپات بولغان.